ئالىي  مائارىپ  بويىچە  ئۆزلۈكىدىن  ئۆگەنگۈچىلەردىن  ئىمتىھان  ئېلىش  خىزمىتى  توغرىسىدىكى  بەلگىلىمە  

تەھرىر:admin     ۋاقتى:2015-11-24   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:


1-باب ئـومـۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا:ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان ---بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانى بولۇپ، ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىمتىھان خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىمتىھان سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،«مائارىپ قانۇنى»، «ئالىي مائارىپ قانۇنى»ۋە «ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ۋاقىتلىق نىزامى» غا، شۇنداقلا ئالاقىدار قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، بۇ بەلگىلىمە ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا:مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مەملىكەتلىك ئىمتىھان ئېلىش كومىتېتى دەپ ئاتىلىدۇ)مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى(مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى دەپ ئاتىلىدۇ)ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ كونكرېت تەلەپلىرىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش كومىتېتلىرى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆلكە دەرىجىلىك ئىمتىھان ئېلىش كومىتېتى دەپ ئاتىلىدۇ)ئۆز رايونىنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى دەپ ئاتىلىدۇ)مۇشۇ بەلگىلىمىنى ئاساس قىلىپ، ئۆز رايونىنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

3-ماددا:ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى ئىلمى، ئادىل، بىخەتەر، قېلىپلاشقان بولۇشتىن ئىبارەت.

4-ماددا:ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتى ئاساسەن ئىمتىھانغا تىزىملىتىش، ئىمتىھان قەغىزىنى باستۇرۇش، توشۇش ۋە ساقلاش، ئىمتىھاننى تەشكىللەش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش، نەتىجىسنى مەلۇم قىلىش، سوئال قەغىزى(جاۋاب قەغىزى)نىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئىستاتىستىكا خىزمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5-ماددا:ھەر دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى زامانىۋىلاشقان تېخنىكا ۋاستىسىنى قوللىنىپ باشقۇرۇشى كېرەك.

2-باب ئىمتىھان خىزمەتچىلىرى

6-ماددا:ھەر دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئىمتىھان ئېلىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئاساسەن، ئىمتىھان خىزمىتىگە ماسلاشقان، مەخسۇس ۋەزىپىدىكىلەر بىلەن قوشۇمچە ۋەزىپىدىكىلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنى سەپلىشى، ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

7-ماددا:ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي شەرتلىرى:تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، ئىدىيەۋى-ئەخلاق پەزىلىتى ياخشى بولۇش، ئىستىلى دۇرۇس بولۇش، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا ئەمەل قىلىش، ئىمتىھان ئېلىش كەسپىگە پىششىق بولۇش، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولۇش، تېنى ساغلام بولۇشتىن ئىبارەت.

8-ماددا:مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى بىلەن ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنى پىلانلىق تەربىيەلىشى، سىناپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇپ، گۇۋاھنامە ئالغانلارنى ئىش ئورنىغا قويۇشى كېرەك.

9-ماددا:ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى شۇ قېتىمقى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا قاتناشقان بولسا، ئىمتىھان سوئالى، جاۋابى، شۇنداقلا نومۇر قويۇش پايدىلانمىسى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ جاۋاب قەغىزىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك؛قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى شۇ قېتىمقى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا قاتناشقان بولسا، ئۇلارنىڭ شۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا بولمايدۇ.

3-باب ئىمتىھانغا تىزىملىتىش

10-ماددا:جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى جىنس، ياش، مىللەت، ئىرق ۋە تەربىيەلىنىش دەرىجىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، ئۆلكە دەرىجىلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى بەلگىلىگەن ۋاقىت ۋە ئورۇندا ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ. ئالاھىدە تەلەپ قويۇلغان كەسىپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغانلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىشى كېرەك.

11-ماددا:تۇنجى قېتىم تىزىملىتىدىغانلار ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇشى شەرت.تىزىمغا ئالدۇرغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلىمە بويىچە ئۆزىنىڭ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشى، مۇناسىۋەتلىك ھەقلەرنى تاپشۇرۇشى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى بىر تۇتاش باستۇرغان«ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ«ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»دەپ ئاتىلىدۇ)نى ئېلىشى كېرەك.

12-ماددا:بۇرۇن تىزىملىتىپ بولغانلار نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرسىمۇ ياكى باشقىچە تىزىمغا ئالدۇرسىمۇ(توردا تىزىمغا ئالدۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)بولىدۇ، قانداق تىزىمغا ئالدۇرۇشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى بەلگىلەيدۇ.

13-ماددا:ئىمتىھانغا قاتىنىشىش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى تۇنجى قېتىم تىزىمغا ئالدۇرغاندا بېكىتىلىدۇ ھەمدە تىزىمغا ئېلىش نۇقتىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىمغا ئالدۇرغاندىكى نومۇرىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بەلگىلەنگەن 12خانلىق سان بويىچە سولدىن ئوڭغا قاراپ رەتكە تۇرغۇزىدۇ، ئۇنىڭ 1-، 2-خانىسى ۋىلايەت(شـەھەر)نىڭ ۋاكـالەت نـومۇرى، 3-، 4-خانىسى ناھىيە(رايون)نىڭ ۋاكالەت نومۇرى، 5-، 6-خانىسى ئىمتىھانغا تىزىملاتقان يىل نومۇرى، 7-خانىسى ئىمتىھان بېرىش قېتىم سانى(4-ئايدىكى ئىمتىھان1، 10-ئايدىكى ئىمتىھان2، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى باشقا ئىمتىھان3، كېيىنكى يېرىم يىلدىكى باشقا ئىمتىھان 4بولىدۇ)، 8-خانىسىدىن 12-خانىسىغىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ رەت نومۇرى بولىدۇ.

«ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»نىڭ رەت نومۇرى ناھىيە(رايون)نى بىرلىك قىلىپ، كەسىپلەرگە ئايرىماي رەت بويىچە تىزىلىشى كېرەك.

14-ماددا:تىزىمغا ئالدۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ياكى ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئىمتىھان مەيدانلىرىنى كومپيۇتېر خالىغانچە رەتكە تۇرغۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئۇقتۇرىدۇ.

4-باب ئىمتىھان قەغىزىنى باستۇرۇش، توشۇش ۋە ساقلاش

15-ماددا:ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان قەغىزى، جاۋابى ۋە نومۇر قويۇش پايدىلانمىسىنى باستۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

16-ماددا:مائارىپ مىنستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان قەغىزى، جاۋابى ۋە نومۇر قويۇش پايدىلانمىسىنىڭ ئاخىرقى كوررېكتور نۇسخىسىنى مەخپىي ئالاقىلىشىش تارمىقى ئارقىلىق ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرىغا ئەۋەتىدۇ.ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئۆز جايىنىڭ ئىمتىھان قەغىزى، جاۋابى ۋە نومۇر قويۇش پايدىلانمىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

17-ماددا:ئىمتىھان قەغىزى، جاۋابى ۋە نومۇر قويۇش پايدىلانمىسىنىڭ ئاخىرقى كوررېكتور نۇسخىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىشخانىسىدا ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك مەخپىي ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىدا ساقلىشى كېرەك.

18-ماددا:مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش چىقىرىلغان ئىمتىھان سوئالى، جاۋابى ۋە نومۇر قويۇش پايدىلانمىسىنى باستۇرۇش جەريانىدا، ئۇنى ھەرقانداق ئادەمنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ.گۇمانلىق ئەھۋال بايقالسا، جەزمەن مەخپىي شىفىرلىق فاكس ئارقىلىق مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

19-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى باستۇرۇش، توشۇش ۋە ساقلاشتا، ئالاقىدار ھۆججەتلەردىكى بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

20-ماددا:ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھاننىڭ ئىمتىھان سوئالى، جاۋابى ۋە نومۇر قويۇش پايدىلانمىسى(زاپاس سوئال ۋە ئۇنىڭ جاۋابى، شۇنداقلا نومۇر قويۇش پايدىلانمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ قەتئىي مەخپىي ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

5-باب ئىمتىھان ئېلىش

21-ماددا:مائارىپ مىنستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھاننىڭ ۋاقتىنى ئېلان قىلىدۇ.

22-ماددا:مائارىپ مىنستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك ئىمتىھان ئېلىش كومىتېتى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۆزجايىنىڭ ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

23-ماددا:ئىمتىھان مەزگىلىدە، ئىمتىھان نۇقتىسىغا سوئال قەغىزىنى توشۇشقا مەسئۇل بولغان ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئادەتتە سوئال قەغىزىنى ئىمتىھان مەيدانىغا ھەر قېتىملىق ئىمتىھان بويىچە تارقىتىدۇ ۋە جاۋاب قەغىزىنى يىغىۋالىدۇ.ھەرقانداق ئەھۋالدا، سوئال قەغىزى ۋە جاۋاب قەغىزىنى ئىمتىھان نۇقتىسىدا كۈن ئاتلاپ ساقلاشقا بولمايدۇ.

24-ماددا:ئىمتىھان مەزگىلىدە، مائارىپ مىنستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ياكى ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئىمتىھان مۇپەتتىشلىرى ياكى ئىمتىھان نازارەتچىلىرىنى ئەۋەتىپ، سوئال قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ۋە ئىمتىھان ئېلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىدۇ.

25-ماددا:ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىشتا ئىمتىھان رايونى ۋىلايەت(شەھەر)نى بىرلىك قىلىپ تەسىس قىلىنىدۇ، ئىمتىھان رايونىدا بىر قانچە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنىدۇ، ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنىدۇ.ئىمتىھان نۇقتىسى پىرىنسىپ جەھەتتە ۋىلايەتلىك(شەھەرلىك)ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايدا تەسىس قىلىنىشى كېرەك، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىرقەدەر مەركەزلەشكەن رايونلاردا ئىمتىھان نۇقتىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇندا كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشقا توغرا كەلسە، ناھىيەلىك(رايونلۇق)خەلق ھۆكۈمىتى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا يوللاپ تەستىقلىتىشى كېرەك.

26-ماددا:ئىمتىھان رايونىدا ئىمتىھان رايونى كومىتېتى تەسىس قىلىنىدۇ، ئىمتىھان رايونى كومىتېتىنىڭ باش نازارەتچىلىكىنى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان مەسئۇلى ئۈستىگە ئالىدۇ.مۇئاۋىن باش نازارەتچىلىكنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، شۇنداقلا ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە جامائەت خەپسىزلىكى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتنىشىدۇ.ئىمتىھان رايونى كومىتېتى ئۆز رايونىدىكى ئىمتىھان ئېلىشقا، شۇنداقلا ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۆز ئىمتىھان رايونىدا يۈز بەرگەن زور مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدۇ، تەشكىللەيدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

27-ماددا:ئىمتىھان نۇقتىسى ئادەتتە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنىدۇ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش---پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى.پىرىنسىپ جەھەتتە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش بويىچە ئوقۇشقا ياردەم بېرىدىغان سىنىپ ئاچقان ئورۇنلاردا ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىشقا بولمايدۇ.ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش بويىچە ئوقۇشقا ياردەم بېرىدىغان سىنىپ ئاچقان ئورۇنلاردا ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىشقا توغرا كەلسە، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا يوللاپ تەستىقلىتىشى، ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنى شۇ جايدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى بىر تۇتاش سەپلىشى كېرەك.

ئىمتىھان نۇقتىسىغا بىر نەپەر مۇدىر، بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن مۇدىر قويۇلىدۇ، ئۇلارنى ئىمتىھان رايونىنىڭ باش نازارەتچىسى تەكلىپ قىلىدۇ ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

ئىمتىھان نۇقتىسى مۇدىرلىقىنى ئادەتتە ئىمتىھان نۇقتىسى بولغان مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.مۇدىر ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلار«ئىمتىھان نۇقتىسى مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى»گە رىئايە قىلىش كېرەك.

ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھان ئىشلىرى، قوغداش، داۋالاش، ئارقا سەپ تەمىناتى قاتارلىق گۇرۇپپىلارنى تەسىس قىلىپ، ئىمتىھاننىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

28-ماددا:ئىمتىھان نۇقتىسىدا بىر قانچە ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىنىدۇ.ئىمتىھان مەيدانى بىخەتەر، جىمجىت، ھاۋالىق ۋە يورۇقلۇق شارائىتى ياخشى، شۇنداقلا پارتا-ئورۇندۇقلىرى رەتلىك قويۇلغان بولۇشى كېرەك، سىنىپتا زۆرۈر ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم ۋە خەتلەردىن باشقا، ئىمتىھانغا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرقانداق بۇيۇم ۋە خەتلەر بولماسلىقى، قارا دوسكا گېزىتى، تام گېزىتىنىڭ ئالدى توسۇۋېتىلىشى كېرەك.

ھەربىر ئىمتىھان مەيدانىدا 25ياكى 30ئىمتىھان بەرگۈچى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يەككە رەت، يەككە پارتىدا يالغۇز ئولتۇرۇشى، ئارىلىقى 80سانتىمېتىردىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

ھەربىر ئىمتىھان مەيدانىغا ئىككىدىن ئۈچكىچە كومىسسىيە، ئىمتىھان مەيدانى سىرتىغا بىر قانچە سەييارە كومىسسىيە قويۇلۇشى كېرەك.كومىسسىيەلەرنى ئىمتىھان نۇقتىسىنىڭ مۇدىرى تەكلىپ قىلىدۇ.كومىسسىيەلەر«كومىسسىيەلەر مەسئۇلىيىتى»گە رىئايە قىلىشى شەرت.ئوقۇشقا ياردەم بېرىدىغان سىنىپ ئېچىش خىزمىتىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە بىۋاسىتە تۇغقانلىرى شۇ قېتىملىق ئىمتىھانغا قاتناشقان خادىملار ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى شەرت.كومىسسىيەلەرنىڭ تىزىملىكىنى شۇ جايدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى كېرەك.ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى كومىسسىيىەلەرنى بىر تۇتاش ئەۋەتىشكە ھوقۇقلۇق.

29-ماددا:ئىمتىھان مەزگىلىدە، ئىمتىھان نۇقتىسىدا ئىمتىھان ئېلىش رايونىنى بەلگىلىشى ھەمدە ئېھتىيات سىزىقىنى ئېنىق بېكىتىشى، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ كىرىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك.

30-ماددا:ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى مائارىپ مىنستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەمىمىي ئىمتىھان بېرىش ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى،«ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەمىمىي ئىمتىھان بېرىش ۋەدىنامسى»نى بىر تۇتاش تۈزۈشى ھەمدە كونكرېت مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇللىرىنى بېكىتىشى كېرەك.

31-ماددا:ھەر دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ۋە ئىمتىھان خىزمەتچىلىرى ئىمتىھاننى«ئىمتىھان ئېلىشنى يولغا قويۇش تەرتىپى»بويىچە يولغا قويۇشى كېرەك؛زاپاس سوئال قەغىزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زاپاس سوئال قەغىزىنى ئىشلىتىشتىكى ئالاقىدار رەسمىيەتلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

32-ماددا:ئىمتىھان بەرگۈچىلەر«ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»ۋە ئىناۋەتلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، شۇنداقلا ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى بەلگىلىگەن باشقا گۇۋاھنامىلارغا ئاساسەن ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان مەيدانىدا«ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»غا قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك.ئىمتىھان بەلگىلىمىسى ۋە«ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار»غا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

33-ماددا:ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋىلايەت(شەھەرلىك، رايونلۇق)لىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى جاۋاب قەغىزى، جاۋاب يېزىش كارتوچكىسى قاتارلىق ئىمتىھانغا ئالاقىدار بارلىق ماتېرىياللارنى رەتلەپ ۋە تەكشۈرۈپ چىقىشى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك.جاۋاب قەغىزى، جاۋاب يېزىش كارتوچكىسىنى توشۇش، ساقلاش ۋە ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ جاۋاب قەغىزىنى بىر تۇتاش تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ھەرقانداق باھانىلارنى كۆرسىتىپ جاۋاب قەغىزىنىڭ پېچىتىنى ئېچىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

34-ماددا:ئىمتىھان مەزگىلىدە، ھەردەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى كېچە-كۈندۈز دىجورنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىمتىھان ئېلىشتىن ئىلگىرى دىجورنىلىق تېلېفون نومۇرىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىش، كەڭ كۆلەملىك كۆز بويامچىلىق قىلىش قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بەرسە، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا دەرھال دوكلات قىلىشى ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

35-ماددا:ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان ئېلىش ئەھۋالىنى تەلەپ بويىچە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا دەرھال قىسقىچە يازما دوكلات قىلىشى زۆرۈر.

36-ماددا:ئىمتىھان قەغىزى يوقاپ كېتىش، ئوغرىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرسە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىمتىھان سوئالى، جاۋابى ۋە نومۇر قويۇش پايدىلانمىسىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ قالسا، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كېڭىيىش دائىرىسىنى كونترول قىلىشى ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك جامائەت خەپسىزلىكى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارماقلىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك؛دېلو تېخى پاش قىلىنمىغان بولسا، ئىمتىھان ئېلىشتىن ئىلگىرى مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قالغان دائىرىدە ئىمتىھان ئېلىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك؛ئىمتىھاندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قالغان دائىرىدە شۇ قېتىمقى ئىمتىھاننىڭ ئىناۋەتسىز بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.

37-ماددا:ئادەتتە تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىمتىھان ئېلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئىمتىھاننىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشكە بولىدۇ.كەينىگە سۈرۈش ۋاقتى 30مىنۇتتىن ئاشماسلىقى كېرەك.

ئادەم كۈچى بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىمتىھان ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا يوللاپ تەستىقلىتىشى كېرەك.

6-باب ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش ۋە نەتىجە مەلۇم قىلىش

38-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەش ۋە باشقۇرۇشقا ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى مەسئۇل بولىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقىغا مەسئۇل بولىدۇ.

39-ماددا:ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەردە مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش ئېلىپ بارىدۇ.ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلەر ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇشى، مەكتەپنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئادەم ئەۋەتىپ قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

پەنلەر بويىچە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى شۇ پەننىڭ ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانىغا ئىگە تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە«پەنلەر بويىچە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى»گە چوقۇم رىئايە قىلىشى كېرەك.

40-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچىلەرنى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكلىپ قىلىدۇ.ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشنى شۇ پەننىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، كەسپىي سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئىستىلى دۇرۇس ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچىلەر چوقۇم«ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچىلەر قائىدىسى»گە رىئايە قىلىشى كېرەك.بىۋاسىتە تۇغقانلىرى شۇ قېتىملىق ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، شۇ قېتىمقى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشماسلىقى كېرەك.

41-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى«ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەلىپى»نىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

42-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلەر جاۋاب قەغىزىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئاپتوموبىلدا توشۇپ ئاپىرىشى، تاپشۇرۇپ بېرىش-تاپشۇرۇپ ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جاۋاب قەغىزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

43-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدىكى جاۋاب قەغىزىنى ساقلاش، تاپشۇرۇۋېلىش-تارقىتىشتا، ئەستايىدىل ئېدىتلاش، تەكشۈرۈپ تىزىملاش كېرەك.ھىم پېچەتلەنمىگەن، تەتۈر تۈپلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا جاۋاب قەغىزىنى ساقلاش ئىشخانىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

44-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، پەنلەر بويىچە ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچىلەرنى تەشكىللەپ، ئىمتىھان سوئالى، جاۋابى، شۇنداقلا نومۇر قويۇش پايدىلانمىسىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشى ھەمدە سىناق تەرىقىسدا تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەك.جاۋاب قەغىزىنى سىناق تەرىقىسىدە تەكشۈرۈش ئاساسىدا، نومۇر قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى تۈزۈشى، نومۇر قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى كېرەك.

45-ماددا:جاۋاب ۋە نومۇر قويۇش پايدىلانمىسىدا خاتالىق كۆرۈلۈپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئالىي مەكتەپلەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا دوكلات قىلىپ، تەستىقلانغاندىن كېيىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ.مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان پەنلەردە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىجرا قىلسا بولىدۇ.

46-ماددا:سۇبيېكتىپ سوئاللار(جاۋابى يېزىلىدىغان سوئاللارنى)نى تەكشۈرۈشنى كەسىپىي سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇ پەن بويىچە ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

47-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىش مەسىلىسى بايقالسا، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، كەڭ دائىرىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىش ئەھۋاللىرى، شۇنداقلا ئوخشاش جاۋابلىق ئىمتىھان قەغىزى بايقالسا، تەپسىلىي خاتىرىلەپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشىغا مەلۇم قىلىشى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

48-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، جەزمەن قايتا تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش زۆرۈر.قـايتا تـەكشۈرگەندە جەزمەن ئەستايىدىل بولۇش، نومۇرنى خالىغانچە قوشماسلىق، تارتىۋەتمەسلىك كېرەك.

49-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.ئىمتىھان قەغىزىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى، شۇنداقلا ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەكشۈرگەن، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈشى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق تەلەپكە ئۇيغۇن، سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان ياكى ئوخشاش جاۋابلىق ئىمتىھان قەغىزىنى بايقىغان ئورۇن ياكى شەخسكەرنى مۇكاپاتلىشى كېرەك؛ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان ياكى ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپىتى تەلەپكە يەتمىگەن ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىش، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى ياكى مەسئۇلىيىتى بارلارغا مەمۇرىي جازا بېرىشى ھەتتا قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك.

50-ماددا:مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى جايلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

51-ماددا:ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىمتىھان نەتىجىسى ئىمتىھان بەرگۈچىگە ئۇقتۇرۇلىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى نەتىجىسىنى ئۇقتۇرۇش ۋە ئىمتىھان قەغىزىنى قايتا تەكشۈرۈش چارىسىنى كونكرېت تۈزۈپ چىقىدۇ.ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلارغا«پەنلەردىن لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى»تارقىتىپ بېرىدۇ.

7-باب ئىمتىھان ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش

52-ماددا:دۆلەت بىلەن ئۆلكە، ئۆلكە بىلەن ۋىلايەت(شەھەر)، ناھىيە(رايون)لەردىن ئىبارەت كۆپ دەرىجىلىك ئىمتىھان ئۇچۇرلىرىنى توپلاش-باشقۇرۇش، ئالاقە تورى سىستېمىسىنى ئورنىتىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، زۆرۈر ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، كەسىپ تېخنىكا خادىملىرىنى سەپلىشى، ئىمتىھان ئۇچۇرى باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

53-ماددا:ئىمتىھان ئۇچۇرلىرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تەبىئىي ئۇچۇرى، تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇچۇرى، ئىمتىھان رايونى، ئىمتىھان نۇقتىسى، ئىمتىھان مەيدانىنى تەسىس قىلىش ئەھۋالى، كومىسسىيەلەر ۋە ئۆلكىدىن ئەۋەتىلگەن نازارەتچىلەرنىڭ ئەھۋالى، ھەرقايسى پەنلەردىن لاياقەتلىك بولۇش ئەھۋالى، شۇنداقلا ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھەر دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىر تۇتاش قېلىپلاشقان ھەرخىل ئىمتىھان ئۇچۇرى ۋە ۋاكالەت نومۇرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

54-ماددا:ھەر دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئىمتىھان ئۇچۇرىنى توپلاش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ۋە ئۆزگەرتىۋېتىلىشىدىن ساقلىنىشى، ئىمتىھان ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىغا، مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

55-ماددا:ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى ئالاقىدار ھۆججەتلەردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىغا ئىمتىھانغا ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يوللايدۇ.

56-ماددا:ئىمتىھان ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنى دۆلەت دەرىجىلىك مەخپىي ماتېرىيال سۈپىتىدە باشقۇرۇش كېرەك.ھەر دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى مۇناسىپ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىشى، ئىمتىھان ئۇچۇرىنىڭ زاپاس نۇسخىسى بولۇشى، ئىمتىھان ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.

57-ماددا:ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئىمتىھان ئـۇچۇرىنى ئـۆز مەيلىچە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشىغا بولمايدۇ.

8-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

58-ماددا:ئالاقىدار مەكتەپلەر ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش، ئىمتىھان ئېلىش، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك.

59-ماددا:ئۆلكە دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى مەزكۇر بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت تەپسىلىي يولغا قويۇش پىرىنسىپىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

60-ماددا:بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.ئىلگىرىكى ھەر دەرىجىلىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىلىرى تۈزۈپ چىققان ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە دائىر بەلگىلىمىلىرىنىڭ بۇ بەلگىلىمىگە زىت بولغانلىرى بىكار قىلىنىدۇ.



2015-11-25
2015-11-10
2015-11-10
2015-11-10
2015-05-18
2015-01-16
2014-12-29
2014-10-14
2014-10-14
2014-10-14

-----------------------------------------------------
 

 
 
شىنجاڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تورىنىڭ ئىككىلەمچى كودى

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇردى

   شىنجاڭ مائارىپ باشقۇرۇش ئۇچۇر مەركىزى تۈزدى