ئىمتىھان  بەرگۈچىلەر  بىلىشكە  تېگىشلىك  ئىشلار  

تەھرىر:admin     ۋاقتى:2015-11-24   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:


1.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم سەمىمىي بولۇشى ھەمدە ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ باشقۇرىشىغا ئاڭلىق بويسۇنىشى، ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى، ئىمتىھان مەيدانى ۋە ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقان قىلماسلىقى كېرەك.

2.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، ئىناۋەتلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، ئورۇن نومۇر ئۇقتۇرىشىنى ئېلىپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئىمتىھانغا قاتنىشىشى كېرەك.

3.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان مەيدانىغا0.5mmلىق قارا سىياھلىق ئىمزا قەلىمى، 2Bتىپلىق قېرىنداش، ئۆچۈرگۈچ ئۇچلىغۇچ(باشقا پەنلەردە ئالاھىدە بەلگىلىمە قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)نى ئېلىپ كىرسە بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق بۇيۇملارنى ئېلىپ كىرمەسلىكى كېرەك.

4.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھەر خىل ئالاقىلىشىش قورالى(مەسىلەن:يانفون ۋە باشقا سىمسىز قوبۇللىغۇچ، تارقىتىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار)، ئېلېكترونلۇق ساقلاش، ئەستە قالدۇرۇش، ئۈن ئېلىش، ئۈن قويۇش ئۈسكۈنىلىرى، شۇنداقلا ئۆچۈرۈش سۇيۇقلىقى، تۈزىتىش پلاستىرى، قىرىش پىچىقى، سۈزۈك پلاستىرنى ئېلىپ كىرىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.سانلىق مەلۇمات ھېسابلاشقا دائىر پەنلەردە پىروگراممىسىز، ساقلىغۇچىسىز ھېسابلىغۇچىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

5.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلىمە بويىچە ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ كىرگەن بۇيۇملارنى ئۆزئارا ئارىيەت بەرمەسلىكى، ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

6.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئورۇن نومۇرى بويىچە ئولتۇرۇشى، تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى، ئىناۋەتلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە ئورۇن نومۇر ئۇقتۇرىشىنى پارتا ئۈستىگە قويۇپ قويۇشى كېرەك.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جاۋاب يېزىش كارتوچكىسى ۋە ئىمتىھان سوئال قەغىزىنى ئالغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئىسىم-فامىلىسى، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى، ئورۇن نومۇرى قاتارلىق كاتەكچىلەرنى توغرا ھەم ئېنىق تولدۇرىشى ۋە بويىشى كېرەك.كەم ياكى خاتا تولدۇرۇلغان ۋە ياكى خەتلىرى ئېنىق بولمىغان جاۋاب يېزىش كارتوچكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

7.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سوئال قەغىزى خاتا تارقىتىلىش ۋە ئىمتىھان سوئالىنىڭ خەتلىرى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلسە، قول كۆتۈرۈپ سورىشى كېرەك؛كومىسسىيەلەردىن سوئالنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت سوئاللارنى سورىماسلىقى كېرەك.

8.ئىمتىھان باشلىنىش سىگنالى بىر تۇتاش چېلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن جاۋاب يېزىشنى باشلىشى كېرەك.

9.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان باشلىنىپ 15مىنۇتتىن كېيىن، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىشكە، ئىمتىھان ئاياقلىشىشتىن 30مىنۇت بۇرۇن ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ.ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىمتىھان مەيدانىغا قايتا كىرىپ ئىمتىھاننى داۋاملاشتۇرىشىغا بولمايدۇ.ئىمتىھان مەيدانى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرمەسلىكى ياكى پاراڭلىشىپ تۇرىۋالماسلىقى كېرەك.

10.جاۋابنى تۈپلەش سىزىقىنىڭ سىرتىغا ياكي جاۋاب يېزىش كارتوچكىسىنىڭ بەلگىلەنگەن رايونىغا يېزىشى كېرەك.تاللاش سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى 2Bتىپلىق قېرىنداش بىلەن بويىشى، جاۋابى يېزىلىدىغان سوئاللارنىڭ جاۋابىنى 0.5mmلىق قارا سىياھلىق ئىمزا قەلىمى بىلەن يېزىشى كېرەك.جاۋاب يېزىش كارتوچكىسىغا ھەر قانداق بەلگىلەرنى قويماسلىقى كېرەك.

11.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان مەيدانىنىڭ جىمجىتلىقىنى ساقلىشى، تاماكا چەكمەسلىكى، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماسلىقى، پىچىرلاشماسلىقى، ئۇياق-بۇياققا كۆز يۈگۈرتمەسلىكى، ئىما-ئىشارەت قىلماسلىقى، خۇپىيانە شەپە بەرمەسلىكى، باغاقچىنى تىقىشتۇرۇپ ئېلىپ كىرمەسلىكى، ياندىكىلەرنىڭ قەغىزىگە ئوغرىلىقچە قارىماسلىقى، كۆچۈرمەسلىكى ھەم باشقىلارغا كۆچۈرگۈزمەسلىكى كېرەك.سوئالنىڭ جاۋابىنى باشقىلارغا بەرمەسلىكى، جاۋاب يېزىش كارتوچكىسىنى ئالماشتۇرماسلىقى، ئىمتىھان مەيدانىدىن سوئال قەغىزى، جاۋاب يېزىش كارتوچكىسى ۋە چورنىۋاي قەغەزنى ئېلىپ چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

12.ئىمتىھان ئاخىرلىشىش سىگىنالى چېلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جاۋاب يېزىشنى دەرھال توختىتىشى، كومىسسىيەلەرنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئىمتىھان مەيدانىدىن تەرتىپلىك چىقىپ كېتىشى، ئىمتىھان مەيدانىدا تۇرۇپ قالماسلىقى كېرەك.

13.ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان مەيدانى ئىنتىزامىغا رىئايە قىلماسلىق، ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا بوي سۇنماسلىق، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلسا،«دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»(مائارىپ مېنىستىرلىقىنىڭ 33-نومۇرلۇق بۇيرۇقى(بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەمىمىي ئىمتىھان بېرىش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ئەھۋالى ئېلېكترونلۇق ئارخىپىدە خاتىرىلىنىدۇ.

ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا تۇنجى قېتىم تىزىملاتقۇچىلار توردا تىزىملىتىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، تەلەپ بويىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك ئۆزلۈكىدن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى بېكىتكەن تىزىملىتىش نۇقتىسىغا بېرىپ جەزملەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى،«ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى تىزىملاش جەدۋىلى»نى تولدۇرۇشى ھەمدە ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ ئارخىپتا ساقلىشىغا تاپشۇرىشى كېرەك.

نەق مەيداندا تىزىملىتىش

نەق مەيداندا تىزىملىتىشقا ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى مەسئۇل بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، جايلار بېكىتكەن تىزىملىتىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ نەق مەيداندا تىزىملاتسا بولىدۇ.



-----------------------------------------------------
 

 
 
شىنجاڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تورىنىڭ ئىككىلەمچى كودى

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇردى

   شىنجاڭ مائارىپ باشقۇرۇش ئۇچۇر مەركىزى تۈزدى