ئاپتونوم  رايونلۇق  ئالىي  مائارىپ  بويىچە  ئۆزلۈكىدىن  ئۆگەنگۈچىلەردىن  ئىمتىھان  ئېلىش  كومىتېتىنىڭ  دۆلەت  مائارىپ  ئىمتىھانىدا  تاسادىپىي  ۋەقەلەرنى  جىددىي  بىر  تەرەپ  قىلىش  لايىھەسىنى  يولغا  قويۇش  تەپسىلىي  پىرىنسىپى  

تەھرىر:admin     ۋاقتى:2015-11-24   ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:


بۇ تەپسىلىي پىرىنسىپ تۈرلۈك دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقەلەردىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش، ئۇنى ۋاقتىدا كونترول قىلىش ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىمتىھان خىزمىتىنىڭ مۇقىم يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىمتىھان نۇقتىسى، ئىمتىھان مەيدانى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى يولغا قويۇش چارىسى(ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ)»(مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمتىھان ئېلىش مەركىزى(2008)1-نومۇرلۇق)، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.

1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا: يېتەكچى ئىدىيە

دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ ئىمتىھانى نىشانىغا تىرىشىپ يېتىش، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ«تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى»دىكى خىزمەت تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جىددىي بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، دائىم تەييار تۇرۇش، مائارىپ ئىمتىھانى تەرتىپى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش.

2-ماددا: خىزمەت دائىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك مائارىپ ئىمتىھانلىرى.

3-ماددا: تەشكىلىي ئاپپارات

()ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش كومىتېتى دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ.رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قارمىقىدا ئىشخانا تەسىس قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش كومىتېتى دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپسى:

)ئىسىملىك قىسقارتىلدى)

ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:

(1)بۇ لايىھەنى يولغا قويۇش؛

(2)تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ۋەقەنى كونترول قىلىپ، ئەھۋالنى بىرىنچى ۋاقىتتا گوۋۇيۈەن ئىمتىھان ئىشلىرى بىخەتەرلىكىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرلىقلار ئارا ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىش؛

(3)يۇقىرىنىڭ تەدبىرى ۋە يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك رايونلار ۋە تارماقلارنىڭ كونكرېت ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىش؛

(4)تارماقلارنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش.

رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قارمىقىدىكى ئىشخانا:

ئىشخانا مۇدىرى:

)ئىسىملىك قىسقارتىلدى)

ئەزالىرى:

)ئىسىملىك قىسقارتىلدى)

ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:

(1)ھەر جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى ئومۇمىيلاشتۇرۇپ، ۋەقەنىڭ دەرىجىسىگە دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىش؛

(2)مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمتىھان تۈرلىرىدە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا بىرىنچى ۋاقىتتا مەلۇم قىلىش؛

(3)مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مۇناسىپ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تۈزۈپ چىقىش؛

(4)ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىش؛

(5)ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.

()ئەزا ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش كومىتېتى دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۆز تارمىقىنىڭ دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش.

تەشۋىقات تارماقلىرى:

(1)ھەرقايسى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)نى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلاپ توغرا ئىگىلىشى، سالماقلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى، تەشۋىقات ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ئۆتكەل ۋە ئۆلچەمنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك.تەشۋىق قىلىش ۋە خەۋەر بېرىش جەريانىدا ئىجابىي تەشۋىق قىلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

(2)ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)خىزمىتى ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى نۇقتىلىرى، يېڭى تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى زۆرۈر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.

(3)ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)نى تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش جەريانىدا مۈجمەل مەسىلىلەرگە يولۇققاندا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ۋە تەرتىپلەرگە ئاساسەن، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھاننى(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)نى ئاساسلىق باشقۇرىدىغان تارماقلاردىن يوليورۇق ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن خەۋەر بېرىش كېرەك.ئىمتىھان ۋە ئىمتىھان ئىشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا چېتىلىدىغان ھەرقانداق مەزمۇنلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى قالايمىقان تەشۋىق قىلىشقا، ئويدۇرمىچىلىق قىلىشقا، ئىمتىھان خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا پايدىسىز مەزمۇنلارنى خەۋەر قىلىشقا بولمايدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆز ئالدىغا خەۋەر بەرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىر، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

(4)ئىمتىھان مەزگىلىدە تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ فۇنكىسىيەلىك باشقارما - ئىشخانىلىرى دىجورنىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.

جامائەت خەپسىزلىكى تارماقلىرى:

(1)ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، سوئال(جاۋاب)قەغىزىنى توشۇش، ساقلاش، تارقىتىش قاتارلىق ھالقىلاردىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، سوئال(جاۋاب)قەغىزىنىڭ قەتئىي بىخەتەرلىكنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

(2)ئىمتىھان مەزگىلىدە يول قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىغا مەسئۇل بولۇپ، ئىمتىھان نۇقتىسى، ئىمتىھان مەيدانى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر مەركەزلەشكەن سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى، ئىمتىھان نۇقتىلىرى، شۇنداقلا ئەتراپنىڭ ئامانلىق مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشنى كۈپەيتىپ، ئامانلىق، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشكە ئائىت يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا تۈگىتىشى كېرەك.

(3)تورنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، توردا يۈز بەرگەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)غا ئالاقىدار تۈرلۈك ناچار ئۇچۇرلارنى توسۇپ ۋە ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، دېلو تۇرغۇزۇشقا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

(4)ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)غا ئالاقىدار توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش، كوللېكتىپ يۇقىرىغا ئەرز قىلىشتەك ۋەقەلەرنى جايىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

(5)ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)غا ئالاقىدار سوئال قەغىزىنىڭ ئوغرىلىنىشى، مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ھەمدە قەستەن بۇزۇۋېتىش، ئالدامچىلىق قىلىش، سېتىش، ئىمتىھان قەغىزىنى تارقىتىۋېتىش قاتارلىق تۈرلۈك دېلولارنى دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ چىقىشى، ئىمتىھان جەريانىدا ئىمتىھان مەيدان تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، ئىمتىھان خىزمەتچىلىرى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا ئائىت دېلولارنى دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەك؛يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، گۇرۇھ تەشكىللەپ كۆز بويامچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تەكشۈرۈپ چىقىشى، تەشكىللىگەن، پىلانلىغان ۋە كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن جىنايەتچى ئۇنسۇرلانى چوڭقۇر قېزىپ چىقىشى كېرەك.

(6)ھەرخىل ئامىللار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كوللېكتىپ خاراكتېرلىك تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ساقچى كۈچلىرىنى ھازىرلىشى، شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

(7)ئىمتىھان مەزگىلىدە جامائەت خەپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك باشقارمىلىرى ۋە ئىشخانىلىرى مەخسۇس خادىمىنى دىجورنىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئەدلىيە تارماقلىرى:

ئىمتىھانغا ئالاقىدار دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان ياكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ھۆكۈم ئاساسلىرىغا، مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرگە ئاساسەن، ئەدلىيەلىك ئىزاھات بېرىش ھەمدە ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى باشقۇرۇشنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىشى كېرەك.

مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارماقلىرى:

ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، سوئال(جاۋاب)قەغىزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئىشخانىسىنى قۇرۇش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ئىمتىھان مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش خىزمىتىگە چېتىلىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ جىددىي بىرتەرەپ قىلىش لايىھەسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سوئال قەغىزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش مەسىلىسىنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، ئىمتىھان مەزگىلىدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك باشقارما-ئىشخانىلىرى دىجورنىلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

قوراللىق ساقچى قىسىم:

سوئال(جاۋاب)قەغىزىنى قوراللىق يالاپ توشۇش، ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ؛سوئال قەغىزىنى تارقىتىش، جاۋاب قەغىزىنى يىغىش، سوئال قەغىزىنى تەكشۈرۈش سورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ؛ مۇناسىۋەتلىك سوئال چىقىرىش(تەرجىمە قىلىش)سورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سوئال چىقىرىش(تەرجىمە قىلىش)خادىملىرىنى قوغداپ توشۇش، سوئال قەغىزىنىڭ ئاخىرقى كوررېكتور نۇسخىسىنى توشۇش قاتارلىق بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ؛تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ساقچى كۈچى تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.ئىمتىھان مەزگىلىدە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەخسۇس كىشىنى دىجورنىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئالاقىلىشىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى:

ئىمتىھان جەريانىدىكى ئالاقىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە ئاممىۋى ئالاقىلىشىش سىستېمىسى، شۇنداقلا ئالاقە تورىنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى يولغا قويۇشى كېرەك.ئىمتىھان مەزگىلىدە ئالاقىلىشىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى مەخسۇس كىشىنى دىجورنىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

سىمسىز تېلېگرافنى باشقۇرۇش تارماقلىرى:

ئىمتىھان مەزگىلىدە سىمسىز كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، سىمسىز تېلېگراق تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىدىغان سىگناللارنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.زىيانلىق سىمسىز تېلېگراق سىگناللىرىنى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۈزۈپ تاشلىشى ھەمدە جامائەت خەپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا سىگنال تارقاتقان مەنبەنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.ئىمتىھان مەزگىلىدە، سىمسىز تېلېگراف تارماقلىرى مەخسۇس كىشىنى دىجورنىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى:

ئىمتىھان مەزگىلىدە يۈز بەرگەن تاسادىپىي ۋەقە، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملارنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈشى؛جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك.

()ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مۇكەممەل تەشكىلىي ئاپپارات قۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۆز رايونىدىكى دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ.

ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى:بىرىنچى ۋاقىتتا ۋەقەنىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يوللاش.ئۇ ئەھۋال، ۋەقەنىڭ سەۋەبى، خاراكتېرى، كېڭىيىش دائىرىسى، نۆۋەتتە قوللانغان تەدبىرلىرى، ۋەقەنىڭ دەرىجىسىگە بولغان دەسلەپكى ھۆكۈم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەدبىرلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش.ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش.

4-ماددا:خىزمەت پىرىنسىپى

()بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش.مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھازىرلىق كۆرۈپ قويۇش، بۇرۇن تۇتۇش قىلىش، كىچىك ۋاقتىدا تۇتۇش قىلىش، تېز تۇتۇش قىلىش.دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بېرىپ قالسا، بايقاش، مەلۇم قىلىش، قوماندانلىق قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ھالقىلىرىنىڭ زىچ باغلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، توغرا تاقابىل تۇرۇش، كەسكىن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ زىياننى ياكى تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش.

()دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش.دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش.

()ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش، ئۆز جايىدا ھەل قىلىش. دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقەلەرنى يۈز بەرگەن جايدا كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆز جايىدا ھەل قىلىش، كېڭىيىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، يەنىلا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ كىچىك دائىرىدە كونترول قىلىش، ئىمتىھان نۇقتىلىرى، ئىمتىھان مەيدانلىرى، شۇنداقلا جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى ۋە كونتروللىقىنى يوقىتىشىدىن ساقلىنىش.

()سىستېما بويىچە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما كونترول قىلىش.دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇللىرى دەرھال ئالدىنقى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەھۋاللارنى ئىگەللەپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش.

()ئادەمنى ئاساس قىلىش، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش.دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئادەمنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئىمتىھان خىزمەتچىلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، قائىدە سۆزلەپ قايىل قىلىش، چىن ھېسسىيات بىلەن تەسىرلەندۈرۈش، تارقىتىۋەتكىلى بولسىلا تارقىتۋېتىش، تەربىيە بېرىپ زىددىيەتنى پەسەيتىش، ئايرىپ بىرتەرەپ قىلىش خىزمەت ئۇسۇلىغا بىنائەن، تەسەللى بېرىش ۋە تەربىيە بېرىشنى ئاساس قىلىپ، زىددىيەتنى ۋاقتىدا پەسەيتىپ، ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش، ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرۇۋېلىپ، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلارنى پەيتى كەلگەندە كەسكىن بىرتەرەپ قىلىش ھەمدە لايىقىدا بولۇش، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش.

()ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش.قانۇن-نىزام، تۈزۈم، ئىدىيە، تەشكىلات، ئۈسكۈنە-ئەسلىھە جەھەتتە قاتتىق دېتال بىلەن يۇمشاق دېتاللار جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەبلەغ بىلەن كۈچنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، خىزمەت ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

()تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش.جايلاردىكى مائارىپ ئىمتىھانى قوشۇننىڭ ساپاسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، شۇ كىشىنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىدىكى ئورنى، مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىشلەشكە توغرا كەلگەندە، تېز سۈرئەتتە ئىش ئورنىدا ھازىر بولۇش، ئۆلچەملىك ھەرىكەت قىلىش، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

()مەخپىيەتلىكنى ساقلاش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش.تۈرلۈك دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانلىرىدا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەن مەزگىلدە، ئۇچۇرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش، خىزمەت ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

5-ماددا:ئۇچۇر سىستېمىسىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش.

ھەردەرىجىلىك مائارىپ ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى ئۇچۇر يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە ئۇچۇرنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ كۈچلۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئۇچۇر سىستېمىسىغا تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، جۈملىدىن جايلاردىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان(ئوقۇش تارىخى ھېسابلانمايدىغان گۇۋاھنامە ئىمتىھانى)ئېلىش ئىشخانىلىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمتىھان تۈرلىرىدە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىسىدا تېز، راۋان، سىجىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇرلىرى ۋە بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، شۇنداقلا جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەش، ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىشنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئورنىتىش.ئۇچۇر سىستېمىسى دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانى ئىمتىھان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش مۇنبىرى تېلېفونى، ئادەتتىكى فاكس، مەخپىي فاكس، مەخپىي تېلېفون، ئالاقە تورى، ماتېرىيال يوللاش سىستېمىسى ۋە تەشۋىقات ئۇچۇر سىستېمىسىغا تايىنىدۇ.

6-ماددا:ئۇچۇر يوللاش پىرىنسىپى

()تېز بولۇش:دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنلار بىرىنچى ۋاقىت ئىچىدە شۇ جايدىكى دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىش.

()توغرا بولۇش:ئۇچۇر مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش، سۇبيېكتىپ كۆز قارىشىغا ئاساسەن قارار چىقارماسلىق، چالا يوللىماسلىق، يوشۇرۇپ يوللىماسلىق، يالغاننى يوللىماسلىق.

()يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش:دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي دەرھال دەرىجە بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىش. يۈز بەرگەن ۋەقە چوڭ بولسا، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي دەرىجە بويىچە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىۋاسىتە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى جەزمەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمتىھان تۈرلىرىدە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىش.

()ئۈزلۈكسىز مەلۇم قىلىش: ۋەقە ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، دەرھال ئۈزلۈكسىز مەلۇم قىلىش.

7-ماددا:ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى

ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى مەخپىي تېلېفون، مەخپىي فاكس سىستېمىسى ياكى مەخپىي شىفىرلىق تېلېگرامما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

8-ماددا:جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى

()ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسىي ئەھۋال.بۇ، ۋاقىت، ئورۇن، مەزمۇن، چېتىلىش دائىرىسى، تەسىرى ۋە بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛

()ۋەقە يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىش، خاراكتېرىگە ھۆكۈم قىلىش؛

()ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئىمتىھان ئاپپاراتلىرىنىڭ قوللانغان تەدبىرلىرى؛

()جەمئىيەت ۋە تاراتقۇ قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى؛

()ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، بىر تەرەپ قىلىش جەريانى ۋە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنىڭ نەتىجىسى؛

()يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار.

9-ماددا:ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش، خەۋەر بېرىش

دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا تاسادىپىي ۋەقلەرنى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدا ئېلان قىلىش ھەققىدە ئاخبارات باياناتچىسى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر بېرىشتە سىستېما بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر بېرىشتىكى پىكىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەش كېرەك.



2015-11-25
2014-03-13
2013-04-09
2013-01-23
2013-01-18
2013-01-18
2013-01-18
2012-11-29
2012-10-23
2012-10-23

-----------------------------------------------------
 

 
 
شىنجاڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش تورىنىڭ ئىككىلەمچى كودى

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇردى

   شىنجاڭ مائارىپ باشقۇرۇش ئۇچۇر مەركىزى تۈزدى